يانفۇن ئىشلىتىش جەريانىدا يانفۇن باتارىيەسىنىڭ سىغىمىدىن، توك تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن باشقا، توك قاچىلاش سۈرئىتىمۇ كۈندىلىك يانفۇن ئىشلىتىشىمىزگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى. ئادەتتە يانفۇن ئىشلىتىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇنلارغا نىسپەتەن، تىز سۈرئەتتە توك قاچىلاش بولسا توك تۇلۇقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىشتا چوڭ رول ئوينايدۇ. جېنۋو ( realme ) GT Neo5 بولسا 240 ۋاتلىق تىز زەرەتلەش ئىقتىدارىغا تايىنىپ ھازىرقى ئىشلىتىلىۋاتقان يانفۇنلار ئىچىدە تىز سۈرئەتلىك زەرەتلەشتە ۋەكىل خارەكتىرلىك ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.

جېنۋو GT Neo5 نىڭ 240 ۋاتلىق تىز زەرەتلەش نۇسقىسى ئالاھىدە تىز زەرەتلەش لاھىيەسىنى قوللانغان بولۇپ، 4600 مىللى ئامپىرلىق باتارىيە ئىشلىتىلگەن. ئورگان تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ تىلفۇنغا ئۆزىنىڭ قېپىدىن چىققان زەرەتلىگۈچ بېشى بىلەن زەرەتلەش سىمىنى ئىشلىتىپ زەرەتلىگەندە، ئەڭ تىز بولغاندا 9 مىنوت 30 سىكونىتتا 100% توك زەرەتلەپ بولالايدىكەن، 80 سىكونىتتا 20% توك زەرەتلىيەلەيدىكەن، 4 مىنۇتتا 50% توك زەرەتلەپ بولالايدىكەن. ۋاقىتلىق زەرەتلەشكە قارىتا ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولىدىكەن.

يۇقۇرى قۇۋۋەتتە زەرەتلەش ئۈچۈن جېنۋو GT Neo5 تىز زەرەتلەش تېخنىكىسى جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن لاھىيەلەرنى كىرگۈزگەن. مەسىلەن بىرىنجى ئەۋلاد كۇۋالكوم سىنەپدىراگون 8+ مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچى، ھەم، 16GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 1TB لىق ساقلاش بوشلىقى سەپلەنگەن. ئويۇن ئوينايدىغان ۋە توك قاچىلاش سۈرئىتى يۇقۇرى تەلەپ قويىدىغانلارنىڭ تەلىپىگە ئالاھىدە ماس كەلگەن.