4-بۇ بابدىن خۇلاسە ۋە يانداشما مەشىق

بۇ بابدىن خۇلاسە

مەزكۇر بابدا ئالدى بىلەن ئالدى بەت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە Vue.js نىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىشىلىتىش دائىرىسى قىسقىچە تونۇشتۇلۇرۇلدى، ئاندىن كىيىن Vue.js نى ئىشلىتىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى، مەسىلەن تور كۆرگۈچ قاچىلاش، كود تەھرىرلىگۈچ قاچىلاش ۋە تەڭشەش، تور كۆرگۈچ كونتىرول تاختىسى، ۋە ئاچقۇچىلار قۇرالى قاتارلىقلار. ئاخىرىدا Vue.js نى قاچىلاش ۋە ئاساسى ئىشلىتىش ئۇسۇلى سۆزلەندى.

دەرىستىن كىيىنكى مەشىق سۇئالى

1. بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالى

  1. Vue.js بولسا بىر يۈرۈش ــــــــــــــــــــ قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىلگىرلىمە خاراكتىرىدىكى ئالدى بەت رامكىسى.

  2. Web ئالدى بەت تېخنىكىسى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاساسلىق تىللار بولسا ــــــــــــــــــــ ، ـــــــــــــــــــــ ، ـــــــــــــــــــ   قاتارلىقلار.

  3. Vue.js ــــــــــــــــــ  تاللىغۇچ ئارقىلىق ئەمەلى تۈرگە ئۇچۇر يوللايدۇ. ئۇ بولسا بىر فۇنكىسىيە، قايتۇرىدىغان قىممىتى  ـــــــــــــــــــ بولۇپ، بىرقانچە ئۇچۇر تىزىملىكىنى ئاچقۇچ ۋە قىممەت شەكلىدە ئىپادىلەيدۇ.

  4. Vue تۈرى ئېچىۋاتقان ۋاقىتتا، ئاساسلىقى ــــــــــــــــــ  ئارقىلىق تۈرنى تاماملايمىز.

  5. Vue.js نىڭ بەت يۈزى قۇرۇلمىسى ـــــــــــــــــــ شەكلىدە ساقلىنىدۇ.

2.ھۆكۈم قىلىش سۇئالى

  1. Vue.js نىڭ Angular ۋە React رامكىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يىرى بولسا، Vue تۆۋەندىن يۇقۇرىغا قەۋەتمۇ قەۋەت قىلىپ لاھىلەنگەن.  (     )

  2. Vue.js مۇرەككەپ بولغان تاق بەتلىك Web پىروگراممىسىغا تامامەن ھالدا قوزغاتقۇچ تەمىنلىيەلەيدۇ.  (      )

  3. Vue.js بولسا بىر يۈرۈش بەت يۈزى قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىلگىرلىمە خارەكتىردىكى رامكا، Vue.js نىڭ يادروسى پەقەت كۆرۈنۈش قەۋىتىگىلا كۈچىگەن. (     )

  4. Vue.js سانلىق مەلۇماتنى خەتكۈچكە باشلاشقا يول قويىدۇ، ھەم قوش يۆلىنىشتە ئىنكاس قايتۇرۇشنى قوللايدۇ. (     )

  5. Vue.js نى Node مۇھىتى ئاستىدا ئېچىشقا بولىدۇ، ھەم NPM نىڭ ياردىمىدە بېقىنما ھۆججەتلىرىنى قاچىلىساق بولىدۇ. (     )

3.تاللاش سۇئالى

  1. ئالدى بەت رامكىلىرى ئىچىدە (     ) ئەڭ دەسلەپ چىققان.

    A.Prototype     B.jQuery     C.Vue      D.React

  2. (     )  فۇنكىسىيەسى ئارقىلىق Vue ئەمەلى تۈرى قۇرغۇلى بولىدۇ.

    ()A.create()     B.createApp()    C.use()     D.mount

  3. تۆۋەنكىلەردىن Vue.js گە قارىتا خاتا بولغىنى قايسىلار؟ (          )

    Vue.js    .Aبلەن Angular ئوخشاشلا مۇرەككەم بولغان ئالدى بەت تۈرلىرىنى قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

    Vue.js    .Bنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاسالىقى يىنىك، قوش يۈلۈنىشتە ئىنكاستان ئۇچۇر باغلىغىلى بولىدۇ قاتارلىقلار.

    Vue.js    .Cئەمەلى تۈرلەشتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن يادرولۇق ھۆججەت Vue.js نى ئەكىرگەن ئەكىرمىگەنلىكىمىزنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك.

    Vue.js    .Dبىلەن React نىڭ گىرامماتىكىسى تامامەن ئوخشايدۇ.

  4. تۆۋەندىكىلەرنى Vue.js نىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا خاتا بولغىنى قايسى؟  (         )

    A. قوش يۈلۈنۈشتە ئۇچۇر باغلاش         B.يىنىك تىپتىكى رامكا          C.كودنىڭ باشلىنىش دەرىجىسى (耦合度) نى يۇقۇرى كۆتۈرۋىتىدۇ          D.بۆلەكلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

  5. (      ) بولسا Vue ئېچىشتا كېرەك بولمايدىغان قۇرال.

    A.Chrome      B.Vs Code        C.vue-devtools            ئۈندىدار ئاچقۇچىلار قۇرالى.D

4.قىسقىچە جاۋاپ بىرىش سۇئالى

  1. ئالدى بەت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاددى چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ.

  2. Vue.js دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

5.قول سېلىپ ئىشلەپ بېقىڭ

  1. Vue.js ئارقىلىق Vue ئەمەلى تۈرى قۇرۇپ ئۇچۇر باغلاش ئۈنۈمىنى چىقىرىپ بېقىڭ.

  2. Vue.js ئارقىلىق ئۇچۇرنى كونتىرول تاختىسىغا چىقىرىپ بېقىڭ.