ئىجادكار تور-تېخنىكا بىلوگى قايتىدىن قۇرۇلدى !

    ھۆرمەتلىك زىيارەتچى ياخشىمۇ سىز!

     قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئۈشبۇ غېرىبانە كۆلبەمگە مىھمان بولۇپ كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، ھەم تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ ماقالىدە سىزگە، بۇ بىلوگىمنى، ۋە ئۆزۈمنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ چىقاي!

     ئۆزۈم پىروگرامما تىلىغا ۋە كومپىيوتىرغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان، ئىزچىل يېڭى تېخنىكا، بىلىملەرنى تىرىشىپ ئىگەنلەپ، مۇشۇ ساھەدە مۇئەييەن دەرىجىدە سەۋىيە يىتىشتۈرگەن، ھەم نەتىجىگە ئىرىشكەن بىر ياش. ھازىرقى قىلىۋاتقان كەسپىممۇ IT ساھەسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك كەسىپ.

     مەن مۇشۇ ساھەگە كىرگەندىن باشلاپ بىر قانچە يىل بۇرۇنغىچە ئۆزۈمنىڭ كۆز-قاراش، پىكىر-تەكلىپلىرىمنى، ئۆگۈنۈش خاتىرەم ۋە تەسىراتلىرىمنى، مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ تاپقان ھەل قىلىش ئۇسۇللۇرۇمنى ۋە قوللىنىشچان ماتىرياللارنى مۇقۇم ھالەتتە، نوپۇزلۇق مۇنبەر ۋە بىلوگلارغا يوللاپ تۇراتتىم. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈندىدار سالونى، قىسقا فىلىم قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىقى تۈرۈتكىسىدە، بۇرۇنقى مۇنبەر، بىلوگ ۋە سۇپىلار ئارقا ئارقىدىن تاقالدى. شۇ سەۋەپتىن مەنمۇ توختاپ قالدىم، ھەم بۇرۇن يوللاپ بولغان مەزمۇنلىرىمغا ئىچىم ئېچىشتى، شۇنداقلا ئازراق پايدىنى دەپ، ئۆز ۋاقتىدىكى نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرىنىڭ، بىكەت ئەزالىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى بەدىلىگە تەرەققى قىلغان بىكەتنى، شۇلارنىڭ ھىسياتىنى ئويلاشماي شەخسىيەتچىلىك بىلەن تاقىۋەتكەن بىكەت باشلىقلىرىغا ئاچچقىم كەلدى. كىيىنچە مەنمۇ بىر مەزگىل ئۈندىدار سالونى قۇرۇپ، سالونغا يوللىدىم، لىكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بىرخىل. ئۆزۈمدىكى بۇرۇنقى ئىشتىياق ۋە قىزىقىشتىن ئەسەرمۇ تاپالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىرقانچە بىلوگ قۇرغانمۇ بولدۇم، لىكىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ھېچ قايسىسىنى ئۇزۇنراق ماڭدۇرالمىدىم.  شۇنىڭ بىلەن بۇيىل كىرگەندىن بۇيان قايتىدىن بىلوگ قۇرۇش قىزىقىشىم ئەۋجىگە چىقتى، مۇشۇ قىزىقىشىمنىڭ تۈرۈتكىسىدە بۇ بۇيىل كىرگەندىن بويان ئوخشاش نامدا قۇرغان 4- بىلوگىم. بىرىنجى بىلوگىمنى تاقاشتىكى سەۋەپ، بىلوگ سىستىمىسىنى ئۆزۈم 0 دىن باشلاپ ئىپتىدائىي ھالەتتە ئۆزۈم رازى بولغىدەك يازدىم، سىستىمىنى مۇلازىمىتىرغا چىقىرپ ماڭدۇرۇپ قويۇپ خىزمەت بىلەن بولۇپ مۇلازىمىتىرنىڭ ۋاقتى توشۇپقالغىنى ئىسىمگە كەلمەپتۇ، ئۇ مۇلازىمىتىرىمنى تەمىنلىگەن سودىگەر تەرەپ ۋاقتى توشۇپ 3 كۈندىن كىيىن ئىچىدىكى بارلىق ماتىرياللىرىمنى بىلوگ سىستىمىسىغا قوشۇپ فورماتلاپ تاشلاپتۇ، ئادەملىك مۇلازىمەتچىسىگە ئەھۋالنى ئېيتسام، مەندىن بەكرەك ئەپسۇسلانغانلىقىنى، لىكىن ئامال قىلىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتى. شۇ ئاچچىقىمدا بىر قانچە ئاي ئۆتتى، ئاندىن ئارقىمۇ-ئارقا ئۇچۇق كودلۇق سىستىمىدىن پايدىلىنىپ بىلوگ قۇرۇپ چىقتىم، ئەپسۇس، بىرسىنىڭ ئۇسلۇپلىرى ياخشى ئەمەس، ھەم ئۇسلۇپ ئېچىش قولايسىز چىقتى، يەنە بىرسىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس، سۈرئىتى ئاستا چىقتى، بۇ ئىككى سىستىما بىلەن يەنە بىرقانچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يېقىندىن بۇيان قايتا غەيرەتكە كىلىپ بۇ سىستىمىنى AI نىڭ ياردىمىدە تىز سۈرئەتتە يېزىپ چىقىپ بۇ بىلوگنى ئېچىۋالدىم.

    بىلوگ كۆرۈنمە يۈزى ئۈزەمنىڭ ياقتۇرۇشۇمغا ئاساسەن ئاددىي پاكىز قىلىپ لاھىلەندى، ئارتۇق رەسىم ياكى icon يوق، ئېچىلىش سۈرئىتى تىز. ۋاقتىنچە ئەزا تىزىملىتىش، باھا يېزىش ئىقتىدارى بولمايدۇ. بىلوگقا ئاسالىقى IT غا پىروگرامما تىلىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە-خەۋەرلەر يوللىنىدۇ، ئۇنىڭىدىن باشقا پايدىلىنىش قىممىتى بولغان كومپىيوتىرغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار تەمىنلىنىدۇ. بىلوگ ئىلانسز، ھەم مەندىن بۆلەك ئىككىنجى بىر ئادەم مەزمۇن يوللىيالمىغانلىقى ئۈچۈن مەزمۇنى بىخەتەر.

    ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن ھەم، ماڭا ۋە بىلوگقا قارىتا قىممەتلىك تەنقىدى پىركىر-تەكلىپ لىرىڭىزنى بىرىشىڭىزنى قىزغان قارشى ئالىمەن. 

            ـــــــــــــــ2026 ئۆكتەبىر!

ئەگەر مەن بىلەن ئالاقىلاشماقچى، ياكى سۆز قالدۇرسىڭىز بىكەت ئاستىدىكى «سۆز قالدۇرۇڭ» دىگەن بەتكە كىرىپ سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ !