مەن بىر يىلدىن ئوشۇق كەسپى ھالەتتە تىلفۇن رېمونىت قىلىشنى ئۆگۈنۈپ چىققان، گەرچە ھازىر باشقا كەسىپ قىلىۋاتقان بولساممۇ، بىر مەزگىلدىن كىيىن مۇشۇ كەسىپنى مۇقۇم قىلىپ ماڭىدىغان پىلان بار. شۇڭا نەچچە كۈن ياقى كاللامغا بىر خىيال كېلىپ قالدى. يەنى، ئادەتتە ھەممە يەردە دىگىدەك يايمىكەشلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ، شۇلارمۇ ئاشۇ بىر كىچىك يايمىغا تايىنىپ تۇرمىشىنى قامدىيالايدۇ، ياكى قۇشۇمچە قىلىپ كىرىم يارىتىدۇ. يايمىچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى مىۋە-چىۋە، چىمەك-ئىچمەك ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كېيىم كىچەك دىگەندەك نەرسىلەرنى ئېچىقىپ ساتىدۇ. لىكىن تەخى ھازىرغىچە تىلفۇن رىمونت قىلىدىغان يايمىكەشنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، پەقەت ئانچە مۇنچە مور چاپلايدىغان يايمىكەشلەر ئۇچقايدۇ، بەكرەك كەسپىراق قىلغانلىرى شۇ بىر نەچچە تال توكدان، ئۇچۇر سىمى، تىڭشىغۇچلارنى قوشۇمچە سالىدۇ. شۇڭا مەن يايما ساھەسىدىكى مۇشۇ بوشلۇقنى بىر تولدۇرغىلى بولامدىغاندۇ دەپ ئويلىشىپ قالدىم.
لىكىن تەپسىلى ئويلىشىپ باقساق نۇرغۇن مەسىلەرگە ئۇچقايمىز، مەسىلەن :
زاپچاس تولۇقلاش مەسىلىسى : تىلفۇن بازىرىدىكى چوڭ رېمونت خانىلارمۇ دۇكىنىغا ھەممە تىلفۇننىڭ ھەممە زاپچاسلىرىنى تولۇق قىلىپ بولالمايدۇ، لىكىن تىلفۇن بازىرىدا زاپچاس توپ تارقىتىش ئورنى بار، ئۇلار دۇكانغا رىمونىتقا كەلگەن تىلفۇننىڭ ئەمەلى ئاساسىغا ئاساسەت زاپچاسنى ئۇدۇللۇق زاپچاس توپ تارقىتىش دۇكىنىدىن ئېچىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەممە زاپچاسنى دۇكانغا تولۇقلاش كەتمەيدۇدە مەبلەخ ئاز كىتىدۇ، ھەم مال بېسىلىپ قېلىپ زىيان چىقمايدۇ. ئەمما يايمىنى دائىم تىلفۇن بازىرىنىڭ ئالدىدا ئاچقىلى بولمايدۇ، دائىپ يۆتكىلىپ تۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا بۇيەردە زاپچاس تولۇقلاش قولايسىز بولدى، ھەممە تىلفۇننىڭ زاپچاسلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا يايمىغا تولۇقلايمە دىيىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمايدۇ، ئۇدۇللۇق توپ دۇكاندىن ئېچىقىلى دىسەك توپ دۇكان بىلەن ئارلىق يىراق بولۇپ قالىدۇ. بىر نەرسىنى تولۇق قىلمىساق كەلگەن خېرىدارمۇ قۇرۇق كىتىپ قالىدۇ. بۇ بىر قىيىن مەسىلە.
ئاسۋاپ-سەرەمجان مەسىلىسى : تىلفۇن رېمونت قىلىش ئادەتتە نەچچە بۆلەككە بۆلىنىدۇ. مەبلەغنى قانچىلىك جىق سالالىساق شۇنچە مۇكەممەل بولىدۇ، يايمىغا ئادەتتىكى ئاسۋاپلارنى ئېچىقساقمۇ بولىدۇ، مەسىلەن : ئەتۋىركە-جۈپتەك، بىرقىسىم توككا چېتىلمايدىغان قوشۇمچە ئەسۋاپ ۋە قىزىتىش ئۈسكۈنىسى (加热台) كومپىيوتىر دىگەندەكلەر، بۇلار چۇقۇم بولمىسا بولمايدىغان ئەسۋاپلار، لىكىن نۇرمال ئەھۋالدا تۇراقلىق توك مەنبەسى، داغمال، ئىسسىق شامال (热风枪)، دىگەندەك ئەسۋاپلارمۇ چۇقۇم لازىم بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت كەلگەن خېرىدارنى قاچۇرمايمىز دىسەك، يەنە ئاددىسىغا، ئادەتتىكى ئىكرانلارنىڭ تاش ئىكرانىنى چاپلايدىغان ئۈسكىنە (贴合机)، ھاۋا شۇرايدىغان ئۈسكىنە (出泡机) مۇ زۆرۈر بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىنى تولۇق قىلىمىز دىسەك مەبلەغ بىرقەدەر كۆپرەك كىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى يايمىدا توك يوق.
بازار ئەھۋالى : مەسىلەن، شۇ يايما ئاچقان ئورۇننىڭ بازار باشقۇرۇش تەلەپلىرى، خېرىدارلار ئىھتىياجى دىگەندەك.
ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى :
زاپچاس تولۇقلاش مەسىلىسى، بىرىنجى قەدەمدە ئىكران مورنى تولۇق قىلىمىز، بۇ ئەڭ ئاساس، تەنەرقى تۆۋەن، نۇرغۇن ئىكرانلار ئورتاق شۇڭا مەبلەغ جىق كەتمەيدۇ. بىرتۈركۈم توكدان، سىم، تىڭشىغۇچ ۋە باشقا بىزەك بۇيۇملارنى سالىمىز، بۇنىڭمۇ پايدىسى ياخشى، ئاندىن ئالما تىلفۇنلىرىنىڭ قاپلىرىنى تولۇق سالىمىز، چۈنكى ئالما تىلفۇنلىرىنىڭ تىپى ئاندىرويىتنىڭكىدەك جىق ئەمەس، ھەم 50% ئادەمنىڭ قولىدا ئالما تىلفۇن بار ( مەن تۇرىۋاتقان شەھەردە ). ئاندىرويىت تىلفۇنلارنىڭ سېتىلىشى ياخشى، ئىشلىتىش نىسپىتى يۇقۇرى بولغان ئالى سەپلىمىلىك تىلفۇنلارنىڭ قاپلىرىنى سالىمز. ئاندىن ئالما تىلفۇنلىرىنىڭ باتارىيەسىنى تولۇقلايمىز، چۈنكى ئالما تىلفۇنلىرىنىڭ تىپى جىق ئەمەس، ھەم بەزەن تىپلىرى ئورتاق، ھەربىر تىپقا بىرتالدىن باتارىيە سالساق بولىدى. ئادەتتە تىلفۇن بازىرىدىمۇ باتارىيە ئالماشتۇرغىلى كەلگەن ئالما تىلفۇنلار كۆپ ساننى ئىگەنلەيدۇ. ئاندىن ئالما 13 دىن تۈۋەن، ئالما x دىن يۇقۇرى تىپلىرىنىڭ ئەرزان باھادىكى ئىكرانلىرىنى، ئارقا تەگلىك (后盖) لىرىنى، رامكىسىنى (中框) سىنى تولۇقلايمىز، چۈنكى مەبلەغ جىق كەتمەيدۇ، بازار ئىھتىياجىمۇ يۇقۇرى، ھەربىر تىپقا بىرتالدىن ئىكران، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان رەڭدىن بىرتالدىن تەگلىك ۋە رامكا تولۇقلىساق بولىدۇ. ئاندىرويىت تىلفۇنلىرىغا قارتا دەسلەپقى قەدەمدە ئوتتۇرا تۆۋەن تىپتىكى تىلفۇنلارنىڭ تاش ئىكرانىنى تولۇقلىساق بولىدۇ، نۇرغۇن تىلپلارنىڭ تاش ئىكرانى ئورتاق، ھەم تەنەرقى تۆۋەن، ھەم باشقا يەرگە قارىغاندا ئىكراننىڭ بۇزۇلۇش نىسپىتى يۇقۇرى. دەسلەپقى قەدەمدە ئاندىرويىتقا باشقا زاپچاس تولۇقلىمايمىز، چۈنكى تىپ بەك جىق، ئۇزۇن مۇددەت قولدىن چىقارغىلى بولمايدۇ.
ئەسۋاپ سەرەمجان مەسىلىسى : مەنچە بۇ ئىشنى قىلىمىز دىسەك چۇقۇم ئەڭ ئاساسلىق ئەسۋاپلارنى چوقۇم تولۇقلىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئاسۋاپ تولۇق بولمىسا يۇقاردا دىيىلگەن زاپچاسلارنى ئەكەلگەننىڭ پايدىسى يوق. دەسلەپتە ئاسۋاپلارنىڭ بەك ياخشىسىنى ماركىلىقلىرىنى ئېلۋېلىشنىڭ ئورنى يوق، دەماللىققا سەپلىمىس ئەڭ تۆۋەنلىرىنى ئېلىپ تۇرساقمۇ بولىدۇ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە توك مەسىلىسى، چۈنكى ئەڭ مۇھىم ئاسۋاپلارنى ۋە كومپىيوتىرنى توككا چېتىشقا توغرا كىلىدۇ. يايمىغا توك تارتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا كۆچمە توك مەنبەسىدىن بىرنى ئېىشقا، ياكى ئاككۇمۇلياتور (电瓶) نىڭ توكىنى ئاشۇ ئەسۋاپلارنى سۆرىيەلەيدىغان توكقا كۈچەيتىدىغان ئەسۋاپتىن بىرنى ئېىشقا توغرا كىلىدۇ.
بازار ئەھۋالى : بەزى يەرلەردە يايما يايغىلى قويىدۇ، بەزى يەرلەردە قويمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يايمىنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى يۆتكىلىشچانلىق، شۇڭا يايمىنى ئۈستەلگە ئورۇنلاشتۇرساق مەبلەخ تۆۋەنلىدى دىگەن بىلەن يۆتكىلىش بىلەن توككا قولايسىز بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا 3 چاقلىق توك موتوسىكلىتتىن بىرنى ئالىمىز، بۇنىڭغا جازا ياساپ نەرسىلەرنى شۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئادىن ئاساسلىقى يايما ئېچىقماقچى بولغان ئورۇنلاردىكى ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن سالىدىنغان ماللارنىڭ كونكىرت بىكىتسەك بولىدۇ.
ئاندىن ھەل قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ئامبار باشقۇرۇش مەسىلىسى، چۈنكى تىلفۇنلارنىڭ تىپى جىق، قاستى تىلفۇننىڭ زاپچاسلىرى تۈكىدى، قايسىسى بەك سېتىلدى دىگەننى سىتاستىكىلاشقا توغرا كىلىدۇ، بۇ كېيىنكى قېتىم مال كىرگۈزۈشكە پايدىلىق، بۇنى ھەرگىز كاللىدا تۇتۇپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەن-ئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە دەپتەرگە خاتىرىلىسەك بولىدۇ، لىكىن دۇكانغا قارىغاندا قولايسىز بولىدۇ، چۈنكى دۇكاندا ماللار مۇقۇم ئورۇندا تۇرىدۇ، كۆز يۈگۈتسىلە نىمە بار نىمە يوق بىلگىلى بولىدۇ، ئەمما يايمىدا ماللار مۇقۇم ئورۇندا تۇرىشى ناتايىن، شۇڭا بۇنىڭغا سىتاستىكىلايدىغان، ھەم كىرىم چىقىمنى ئارىپ بىرىدىغان بىر سىستىما ياسايمىز، (قولدىن كەكگەندىكىن) .
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە قوشۇمچىسىغا، ناخشا قاچىلايدىغان، توردىن ۋاكالىتەن ماتىريال ئىزدەيدىغان، كومپىيوتىرغا سىستىما قاچىلايدىغان، رەسىم يۇيىدىغان، كۆپەيتىدىغان دىگەندەك ئىشلارنى قوشۇمچە قىلساقمۇ بولىدۇ، يەنە كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس دىگەندەك كومپىيوتىر زاپچاسلىرىنىڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىرىنى ئاز مىقداردا سالساقمۇ بولىدۇ. مۇشۇ بۇيىچە تەخمىنەن ھىساپلىغاندا، ئۈچ چاقىلىق توكلۇق موتسىكىتلىت، مال، ئاسۋاپ بولۇپ تەخمىنەن ئەڭ ئاز بولغاندا 7000 مىڭ يۈندىن 1000 مىڭ يۈنەگىچە مەبلەخ كىتىدۇ.
ۋاقتىنچە مۇشۇنچىلىك يازدىم، بۇدا ۋاقىت چىقىرىپ تەخىمۇ تەپسىلى قىلىپ، مەسىلەن كونكىرىت قايسى زاپچاسلارنى سالىدىغانلىمىزنى، قايسى ئاسۋاپلارنى ئالىدىغانلىقىمىزنى تەنەرقىنى تەپسىلى قىلىپ بىر پىلان يېزىپ يوللايمەن.