بۇنىڭدىن كىيىن Vue ئۆگۈنۈش خاتىرەمنى بىلوگقا بەھىرلەپ ماڭىمەن

    مەن سەل مۇتەسسىپمۇ ياكى نىمە سەۋەپ بىلمىدىم، پىروگرامما تىلى ئۆگۈنۈش جەريانىدا ئىزچىل ئىپتىدائىي ھالەتتە ئۆگۈنۈپ كەلدىم، رامكا ياكى AI غا كود يازدۇرۇشقا پەقەت قىزىقمىدىم ھەم ئۆگەنگۈم كەلمىدى، چوڭ كىچىك ھەرقانداق تۈرنى ئىپتىدائىي ھالەتتە يېزىپ كەلگەن ئىدىم، لىكىن جاھان تەرەققى قىلغانسىرى يىتىشىپ بولالماي ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن تەرەققىياتقا يۈزلىنىشنى قەتئىي نىيەت قىلىپ، ئاۋال بىر سىناپ باقاي دەپ مۇشۇ بىلوگ سىستىمىسىنىمۇ AI نىڭ ياردىمىدە ئىپتىدائىي ھالەتتە يېزىپ چىقتىم، قارىسام خېلى يامان ئەمەستەك بىلىندى ئەمما بىر يەلىرى بىرخىللا بىلىندى، (AI ئارقىلىق كود يېزىش توغۇرلۇق ئويلىغانلىرىمنى ئايرىم بىر يازىمەن.) شۇڭا AI غا بەك كىرىشۋالماي رامكا ئۈگۈنۈش نىيىتىگە تولۇق كەلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئالدى بەت رامكىسىدىن باشلاي دەپ ماتىريال كۆرۈپ يۈرۈپ Vue.js ئۆگۈنۈشنى قارار قىلدىم. ھەم بۇ ھەپتىنىڭ ياقى ئاساسى بىلىملىرىنى ئىگەنلىدىم، شۇڭا ئۆگەنگەنلىرىمنى تەخىمۇ پۇختىلىغاچ، ھەم ئۆگەنمىگەن يەلىرىمنى تەخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆگەنگەچ خاتىرە قالدۇرۇپ بىلوگقا يوللاپ مېڭىشنى ئويلىشىپ قالدىم.

    شۇڭا ئەتىدىن باشلاپ يازغان كونسىپىكنى تەخىمۇ تولۇقلاپ ئۆزلەشتۈرۈپ، بىلوگقا يازمىچە دەرىس شەكلىدە يوللاپ ماڭىمەن. ئەگەر سىزمۇ Vue.js بولامدۇ، ياكى باشقا رامكا بولامدۇ، ۋە ياكى باشقا پىروگرامماتىلى بولامدۇ ئۆگۈنۈۋاتقان بولسىڭىز ئۆز-ئارا يىتەكلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تەڭ ئۆگۈنۈپ ماڭساق بولىدۇ.