Vue.js نىڭ تارىخى ۋە ئىقتىدارى بىلەن تونۇشۇش.
Vue.js نىڭ ئېچىش ۋە تەڭشەش (开发和调试) قۇرالى بىلەن تونۇشۇش.
Vue.js نىڭ كودلىرنىنىڭ ئاساسى ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇش.
Vue.js بولسا Web ئالدى بىتى ( ئالدى ئۇچ ) ئېچىشتا بىر قەدەر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان ھەم ھازىر مودا بولىۋاتقان رامكىلارنىڭ بىرى، Angular ۋە React بىلەن سېلىشتۇرغاندا، Vue.js نى تەخىمۇ ئاسان چۈشەنگىلى بولىدۇ، ھەم ئاسان قولغا چىقىدۇ. Vue.js نى ئىشلىتىپ پىروگگرامما يازغاندا ئۈنىمى تەخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇڭا ئالدى بەت يازىدىغانلار Vue.js نى پىششىق ئىگەنلىشى كىرەك دەپ قارىلىدۇ. بۇ بابدا Vue.js نىڭ ئاساسى ئۇقۇمى ۋە ئۈگۈنۈشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
ئالدى بەت تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى.
Web ئالدى بەت تېخنىكىسى ئاسالىق 3 خىل ئاساسى تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : يەنى HTML ( دەرىجىدىن تاشقىرى ھەرىپ بەلگە تىلى )، CSS ( قاتلاملىق ئۇسلۇپ گىرافىسى ) ، ۋە JavaScript. بۇنىڭ ئىچىدە HTML بەت يۈزى قۇرۇلمىسىنى ھاسىللاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ CSS بەت يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇسلۇپ ھاسىللاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ JavaScript بولسا ھەرخىل لوگىلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىپ، بەتكە ئۆز ئارا تەسىرلىشىدىغان ئۈنۈم تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا ئىشلەتكۈچىلەرگە تەخىمۇ ياخشى بولغان تەسىر بىرىدۇ.
ئالدى بەت ئېچىش جەريانىدا، ئاچقۇچى ( پىروگراممىر ) نىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى بولسا كۆپ مىقداردىكى JavaScript كودلىرىنى يېزىش، يېزىۋاتقان تۈرنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ JavaScript لوگىكىسىمۇ باغانسىرى مۇرەككەپلىشىپ ماڭىدۇ. مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ ئاچقۇچىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان Js كود ئامبارلىرى ئارقا ئارقىدىن روياپقا چىقتى. بۇرۇنقى jQuery دىن تارتىپ ھازىرقى Vue غىچە ھەممسى ئاچقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە ياقتۇرىشىغا ئىرىشتى. تۆۋەندە ئالدى بەت تەرەققىياتىنىڭ 6 دەۋرى بىلەن ئاددى تونۇشۇپ چىقىمىز:
ئىپتىدائىي مەزگىل ( 1990-1994 ) :
1990 يىلى Web تور كۆرگۈچىسى روياپقا چىقتى، 1991-يىلى WWW ( 万维网 دۇنيا ئۇچۇر تورى ) روياپقا چىقتى، 1993-يىلى CGI ( ئاممىۋى تور ئۆتكۈلى ئېغىزى ) روياپقا چىقتى، 1994-يىلى W3C قۇرۇلدى، 1995-يىلى JavaScript روياپقا چىقتى.
تور كۆرگۈچ رىقابىتى دەۋرى ( 1994-2005 ) :
IE تور كۆرگۈچ بىلەن ۋاڭجىڭ ( 网景 ) تور كۆرگۈچ نىڭ رىقابىتى، IE تور كۆرگۈچ بىلەن قىزىل تۈلكە ( 火狐 ) تور كۆرگۈچنىڭ رىقابىتى، IE تور كۆرگۈچ بىلەن گوگېل تور كۆرگۈچنىڭ رىقابىتى.
Prototype دەۋرى ( 2005-2009 ) :
ئەڭ دەسلەپكى بىر قەدەر مودا بولۇپ دەۋىر سۈرگەن JavaScript ئاساسى ئىقتىدار كود ئامبىرى، ئاساسلىقى ھەركەتچان ئالاھىدە ئۈنۈم ۋە Ajax ئىلتىماسى قاتارلىق ئىككى چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلغان.
jQuery دەۋرى ( 2009-2012 ) :
jQuery ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى پىروگرامما تەپەككۇرىنى بۇزۇپ تاشلىغان، DOM نى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن تاللىغۇچ ئارقىلىق بىر ياكى بىر قانچە DOM ئېلمىنتىنى تاللاپ، jQuery ئوبىكتىپىغا ئايلاندۇرۇپ، ئارقىمۇ ئارقا مەشغۇلات قىلالىغان.
كىيىنكى jQuery دەۋرى ( 2012-2016 ) :
jQuery قىستۇرمىلىرىنىڭ يامرىشى بۇرغۇنلىغان نۇقسانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەم، كۆچمە ئۈسكىلەرگە پىروگرامما ئېچىشنىڭ ئۇمۇملىشىشىغا ئەگىشىپ jQuery نىمجان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، ھەم تېخنىكا ئىنقىلابىغا ماسلىشىپ ماڭالمىدى.
ئۈچ چوڭ كۆچمە رامكا دەۋرى ( 2016-ھازىرغىچە )
فىيسىبوك React نى چىقاردى، گوگېل Angular نى ئىلان قىلدى، ئارقىغا ئەگىشىپلا Vue.js روياپقا چىقتى، Vue.js بىر ۋەتەندېشىمىز يېزىپ چىققان رامكا، يەنى شەخىسنىڭ كۈچىگە تايىنىپ باشلىنىپ، ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئالدى بەت رامكىسى.
Vue نىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى
Vue نى ۋىئېۋ دەپ تەلەپپۇز قىلساق بولىدۇ، يەنى view غا ئوخشاش. Vue بولسا ئىشلەتكۈچى كۆرنمە يۈزى ھاسىل قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىلگىرىلىمە ( 渐进式 ) JavaScript رامكىسى، HTML، CSS، JS نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ قۇرىلىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن بايانات خارەكتىرلىك ۋە بۆلەكلەشكەن ( 组件化 )پىروگرامما ئەندىزىسىنى تەمىنلىگەن، بۇ ئارقىلىق يۇقۇرى ئۈنۈمدە كۆرۈنمە يۈز ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
( 1 ) بايانات خارەكتىرى : Vue.js سانلىق مەلۇمات ( 数据 ئۇچۇرلار ) نى بىۋاستە خەتكۈچكە باغلاشقا يول قويىدۇ، ھەم شۇنداقلا قوش يۆنۈلۈشتە ئۆز ئارا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ، سانلىق مەلۇماتتا ئۆزگۈرۈش بولغاندا، ياكى كۆرۈنمە يۈزدىكى ئېلمىنىتنىڭ قىممىتى ئۆزگەرتىلگەندە، بىرلا ۋاقىتتا قوش يۆلۈنۈشتە ماس قەدەمدە يېڭىلىنىدۇ. بۇ خىل لاھىيە تەپەككۇرى بولسا دەل MVVM ( مودىل-كۆرۈنمە-كۆرنمە مودىلى ) پىروگرامما ھالىتى شۇ. بۇ، تۈر ئېچىش قىيىنلىقىنى كۆپ مىقداردا تۆۋەنلىتىپلا قالماي كىيىنكى ئاسراش خىزمىتىنىمۇ ( سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ) ناھايىتى قولايلاشتۇرغان.
( 2 ) بۆلەكلەشكەن : Vue.js بىر بەت يۈزىنى پارچىلاپ بۆلەكەلەرگە بۆلۈپ، مۇشۇ ھەربىر بۆلەكنى ئوخشىمىغان ئورۇندا قايتا ئىشلىتىشكە يول قويىدۇ، ھەربىر بۆلەكنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل HTML، CSS، JS كودلىرى بولىدۇ. بۇمۇ ئوخشاشلا تۈر ئېچىش ۋە ئاسراش خىزمىتىنىڭ قىيىنلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن.
بۆلەكلەشتۈرۈش بولسا ھەرقانداق، بىر ياكى بىر قانچە بۆلەك كودنى خالىغان ئۇسۇلدا بىر بۆلەك قىلالايدۇ، بىز بۇ بۆلەكنى خەتكۈچكە ئوخشاش ھەرقانداق بەتنىڭ ھەرقانداق يىرىدە بىر ياكى بىرقانچە قېتىم ئىشلىتەلەيمىز.
Vue نىڭ قىسقىچە تارىخى
2013-يىلى7-ئاي دا گوگېل شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان جوڭگولۇق پىروگراممىر يوۋيۇشى ( 尤禹溪 ) شۇ ۋاقىتتا مودا بولىۋانقان رامكا Angular ۋە React دىن ئۆرنەك ئېلىپ بىر يىنىك دەرىجىلىك JavaScript رامكىسىنى يېزىپ چىققان. بۇ رامكىغا دەسلىپىدە Element دەپ ئىسىم قويغان ھەم Github قا چىقارغان، كىيىن ئىسمىنى Seed.js گە ئۆزگەرتكەن.
2013-يىلى 12-ئايدا 0.6.0 نەشرىنى تارقاتقان، ھەم ئىسمنى رەسمى ھالدا Vue.js گە ئۆزگەرتكەن، كوماندا ( 指令 ) ئالدى قوشۇلغۇچىسىنى v- قىلىپ بەلگىلىگەن.
2014-يىلى 1-ئايدا 0.8.0 نەشرىنى ئىلان قىلغان. Vue مۇشۇ ۋاقىتتا سىرتقا رەسمى تارقىتىلغان.
2014-يىلى 2-ئايدا 0.9.0 نەشرىنى ئىلان قىلغان، ھەم شەرتلىك بەلگە ( 代号 ) ئىلان قىلغان. ھەم شۇندىن كىيىنكى چوڭ يېڭىلاشلاردا ئوخشىمىغان شەرتلىك بەلگە ئىلان قىلغان.
2014-يىلى 10-ئايدا 0.11.0 نەشرىنى ئىلان قىلغان. بۇ Vue.js نىڭ سىرتقا تارقىتىلغان بىرىنجى قېتىملىق مۇقۇم نەشىرى بولغان.
2015-يىلى 10-ئايدا Vue.js نىڭ 1.0 نەشرى تارقىتىلغان. بۇ نەشىرىگە نۇرغۇن خۇسۇسىيەت ( 特性 ) قوشۇلۇلغان، ھەم، نۇرغۇن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان، شۇنداقلا Vue.js نى ئاچقۇچىلار مۇنبىرىدە نۇرغۇنلىغان پىروگراممىرلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا ۋە ئىشلىتىشىگە سازاۋەر قىلغان.
2016-يىلى 10 ئايدا Vue.js 2.0 نەشرى تارقىتىلدى، بۇ نەشىردە سىغىمى تەخىمۇ كىچىكلىتىلىپ تەخىمۇ كۆپ يېڭى ئالاھىدىلىك قوشۇلدى، مەسىلەن : مەۋھۇم DOM نىڭ ئەلالاشتۇرلىشى، بىماس قەدەملىك بۆلەك قاتارلىقلار، بۇلار Vue.js نى تەخىمۇ كۈشلۈك، ئۈنىمىنى تەخىمۇ يۇقۇرى ۋە مۇكەممەل قىلدى.
2019-يىلى 10-ئايدا Vue.js 3.0 نەشىرى تارقىتىلدى. بۇ نەشىرى پۈتۈنلەي يېڭىدىن ئىنكاسچان ( 响应式 ) سىستىمىسىنى، تەخىمۇ ياخشى بولغان ئۈنۈم ۋە ئىقتىدارنى، شۇنداقلا TypeScript قا بولغان تەخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ئۈنۈمىنى ئېلىپ كەلدى، تەخىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا Vue.js نى ھەر تەرەپلىمە ئەلالاشتۇردى.