مەن ھەققىدە
قەدەم يەتتى بالا يەتمىسۇن!!!
ياخشىمۇسىز ھۆرمەتلىك زىيارەتچى، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىلوگىمنى زىيارەت قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر، ئۆزۈم جەنۇبى شىنجاڭدىكى يىزىدا چوڭ بولغان تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيەسىدىكى، پەن-تېخنىكىنى، كومپىيوتىرنى قىزغىن سۆيۈدىغان، ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىم ئۈچۈن مەركىزى شەھەردە ئاددى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان، ئاددى بىر ياش.
گەرچە مەدىنىيەت سەۋىيەم تۆۋەن، ئالى مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ باققىمغان بولساممۇ، ھۆنەر كەسىپ ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىم ياخشى، ھەم بىرقانچە كەسىپنى مۇقۇم ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەندىم، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ كۆڭۈل قويۇپ، ھەم ئەڭ قىزىقىپ ئۆگەنگىنىم بولسا يانفۇن رېمونىت قىلىش. گەرچە ھازىرچە مۇقۇم كەسىپ قىلالمىغان بولساممۇ، بىر مەزگىلدىن كىيىن چۇقۇم مۇشۇ كەسىپنى قىلىپ روناق تاپقۇزىمەن.
مىنىڭ كىچىمدىن تارتىپ قىزىقىدىغىنىم بولسا كومپىيوتىر پىروگگىرامما تىلى، گەرچە ھازىرغا قەدەر بىرەر كەسپى تەربىلەشكە قاتنىشىپ باقمىغان بولساممۇ، 2012-يلىنىڭ مابەينىدە تورلاردىن، كىتاپ ماتىرياللاردىن، ئاز بولمىغان نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، مەسىلەن: web پىروگگىراممىسى يېزىش، ئۈندىدار كىچىك پىروگگىراممىسى يېزىش، android سۇپىسىغا ئەپ يېزىش، فىلىم كىرىشتۈرۈش، تەكشىلىك لاھىيەش، ۋە باشقا كومپىيوتىر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم قاتارلىقلار. گەرچە ئۆگەنگەنلىرىم ئۇستاز تۇتۇپ مۇقۇم ئۆگەنگەنگە يەتمىسىمۇ، لىكىن يەنىلا ئۆز ھاجىتىمدىن تامامەن چىقالايمەن، ھەم بۇندىن كىيىنمۇ ئۆگەنگەنلىرىمنى پىششىقلاپ، داۋاملىق يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگۈنۈپ ماڭىمەن.
ئەگەر سىزنىڭمۇ كەسىپ جەھەتتە، ياكى قىزىقىش جەھەتتە مەن بىلەن ئورتاقلىقىڭىز بولسا، مەن بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا ئۆگۈنۈپ تۇرىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، ھەم ئۈمۈت قىلىمەن. ئەگەر خالىسىڭىز ياندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ ئۈندىدارغا، ياكى QQ غا قوشسىڭىز، ئۆز-ئارا ھەمدەم بولۇپ، قوللىشىپ ئۆتسەك بولىدۇ.
ئاخىرىدا بىلوگىمنى زىيارەت قىلىغىنىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن، ھەم، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، كۈنلىرىڭىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!!!
ھۆرمەت بىلەن ئىجاتكار، 2027-يىلى7-ئىيۇل!
💬 ئىنكاس (0)
تەخى ھېچكىم ئىنكاس يازماپتۇ، ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ باقسىڭىز بولىدۇ.