1-باب Vue.js نى ئۆگۈنۈشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق
ئالدىنقى بىر يازمىدا Vue ئۆگۈنۈش قارارىغا كەلگەنلىكىمنى ئېيتقان ئىدىم، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئالدىراشچىلىقتا باشلاپ بولالمىغان ئىدىم، مانا ئەمدى ئىشلىرىمنى بىرەرقۇر ئىزىغا چۈشۈرۈپ ئۈگۈنۈشنى راسمى باشلىدىم، ئەسلى سىنلىق دەرىس كۆرۈپ ئۆگۈنۈشنى قارار قىلغان ئىدىم، لىكىن مۇۋاپىق سىنلىق دەرىس تاپالمىدىم، بەزىلىرى بەكلا يۈزەكى، بەزىلىرىدە مۇناسىۋەتسىز مەزمۇن بەك كۆپ دىگەندەك، شۇڭا كىتاپتىن ئۆگۈنۈش قارارىغا كەلدىم، يەنە كەپ كىتاپنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تەمىنلىگەن سىنلىق دەرىسى بار ئەمەسمۇ، ھەم باشقا قوشۇمچە ماتىرياللارنىمۇ تۇلۇق تەمىنلەيدىكەن، شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ 1-بابتىن باشلاپ كۈندە بىر كىچىك تىمىنى ئۆگۈنۈپ چىقىشقا تىرىشىمەن. ئەمسە باشلاپ كەتتىم :
1-باب Vue.js نى ئۆگۈنۈشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق
ئۆگۈنۈش نىشانى
- Vue.js نىڭ تارىخى ۋە ئىقتىدارى.
- Vue.js نىڭ كود يېزىش ۋە سىناش، تەڭشەش قۇراللىرى.
- Vue.js كودىنىڭ ئاساسى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى.
Vue.js بولسا Web ئالدى بېتى ئېچىشتىكى بىر قەدەر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان رامكىلارنىڭ بىرى، Angular ۋە React بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆگۈنۈش كۆپ ئاسان، ھەم قولايلىق. Vue.js ئارقىلىق تۈر ئىشلىگەندە ئۈنۈمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، ھەم ۋاقىت ۋە زىھنىمىزنى كۆپ مىقداردا تىجەپ بىرەلەيدۇ. شۇڭا Vue.js نى پىششىق ئىگەللەش ئالدى بەت ئاچقۇچىلارنىڭ چۇقۇم ئىگەللىمىسە بولمايدىغان تېخنىكىلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بۇ بابتا بىز Vue.js نىڭ ئاساسى ئۇقۇمى ۋە ئۈگۈنۈشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
1.1 Vue.js بىلەن تونۇشۇش
1.1.1 ئالدى بەت تېخنىكىلىرىنىڭ تەرەققىياتى
Web ئالدى بەت ئېچىش تېخنىكىسى 3 تۈرلۈك پىروگگىرامما تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى: HTML، CSS، Js. بۇنىڭ ئىچىدە HTML تور بەت كۆرۈنمە يۈز قۇرۇلمىسىنى ھاسىللاشقا ئىشلىتىلىدۇ، CSS توربەت كۆرۈنمە يۈزىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە رەڭلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، JS بولسا ھەرخىل لوگىكا ئارقىلىق بەتنىڭ ئىقدىدارىنى يۇقۇرى دەرىجىدە كۈچەيتىدۇ.
ئالدى بەت ئاچقۇچى تۈر ئېچىش جەريانىدا كۆپ مىقتاردا Js كودى يازىدۇ، تۈرنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ Js كە بولغان ئىھتىياجمۇ ئاشىدۇ ھەم مۇرەككەپلىشىدۇ، شۇڭا ئۈنۈمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل JS كود ئامبىرى ( ياكى رامكىلىرى ) دۇنياغا كۆز ئاچتى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى jQuery دىن باشلاپ ھازىرقى Vue غىچە بارلىق پىروگراممىرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشىپ كەلدى. تۆۋەندە ئالدى بەت تەرەققىياتى بېسىپ ئۆتكەن 6 باشقۇچ بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
- ئەڭ دەسلەپكى مەزگىل : 1990-يىلى Web تور كۆرگۈچىسى بارلىققا كەلدى، 1991-يىلى www بارلىققا كەلدى، 1993-يىلى CGI ( ئاممىۋى ئىنتىرنىت ئالاقە ئېغىزى ) بارلىققا كەلدى، 1994-يىلى W3C روياپقا چىقتى، 1995-يىلى بىزنىڭ باش قەھرىمان Js ( JavaScript) بارلىققا كەلدى.
- تور كۆرگۈچ رىقابەت دەۋرى (1994-2005) : IE تور كۆرگۈچ بىلەن ۋاڭجىڭ ( 网景 ) تور كۆرگۈچ نىڭ رىقابىتى، IE تور كۆرگۈچ بىلەن خوخۇ تور كۆرگۈچنىڭ رىقابىتى، IE تور كۆرگۈچ بىلەن گوگىل كىروم تور كۆرگۈچنىڭ رىقابىتى.
- Prototype دەۋرى ( 2005-2009 ) : ئەڭ دەسلەپكى بىر قەدەر ئاساسى ئېقىم بولغان Js ئاساسى تۈر ئامبىرى، ھەركەتچان ئالاھىدە ئۈنۈم ۋە Ajax ئىلتىماسىدەك ئىككى چوڭ مەسىلىنى بىر يولدىلا ھەل قىلىدى.
- jQuery دەۋرى ( 2009-2012 ) : jQuer ئالدى بەت ئېچىشنىڭ ئەنئەنىۋى پىروگگىرامما تەپەككۇرىنى بۇزۇپ تاشلىدى، DOM نى ئاسا قىلىپ تۇرۇپ، تاللىغۇچ ئارقىلىق بىر ياكى بىر قانچە DOM ئېلېمېنتىنى تاللاپ چىقىپ jQuery ئوبىكتىپىغا ئايلاندۇرۇپ بىراقلا مەشغۇلات قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
- كىيىنكى jQuery دەۋرى (2012一2016年) : jQuery قىستۇرمىسىنىڭ كۆپىيىشى بىرقىسىم مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ھەم كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ jQuery ئىھتىياجنى قامدىيالمىدى ھەم يېڭى تېخنىكىلارغا ماسلىشالماي دەۋىرنىڭ ئارقىدا قالدى.
- 3 چوڭ كۆچمە رامكا دەۋرى ( 2016 دىن ھازىرغىچە ) : فىيىسبوك React نى ئىلان قىلدى، گوگېل Angular بىلەن Vue.js نى ئىلان قىلدى. Vue.js بولسا جوڭگولۇق قېرىندىشىمىز تاماملىغان تۈر، شەخىسنىڭ كۈچى بىلەن باشلىنىپ روياپقا چىققان ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئالدى بەت رامكىسى.
1.1.2 Vue دىن قىسقىچە چۈشەنچە
Vue نىڭ تەلەپپۇزى view غا ئوخشۇشۇپ كىتىدۇ، Vue بولسا كۆرۈنمە يۈز ھاسىللاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىلگىرىلىمە شەكىلدىكى Js رامكىسى. HTML، CSS،JS مۇھىتىدا خىزمەت قىلىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېنىقلىما شەكىلدىكى بۆلەكلەشكەن پىروگرامما تۈزۈش شەكلىنى تەمىنلىگەن بولۇپ، كۆرۈنمە يۈز ئېچىشنى زور دەرىجىدە قولايلاشتۇرغان.
(1) ئېنىقلىما شەكىل ( 声明式 ) : Vue سانلىق مەلۇمات ( ئۇچۇر ) لارنى بىۋاستە بەت يۈزىدىكى خەتكۈچلەرگە باغلاشقا يول قويىدۇ ھەم قوش يۆلۈنۈشلىك ئىنكاس قايتۇرالايدۇ، سانلىق مەلۇمات ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ياكى بەت يۈزىدىكى ئۇرۇنى ئۆزگەرتكەن ۋاقتىمىزدا ھەر ۋاقىت ئۆز ئارا بىرلا ۋاقىتتا يېڭىلىنالايدۇ. بۇخىل لاھىيە شىكلى لاھىيە شەكىلى دەل MVVM ( Model-View-ViewModel ) پىروگرامما تۈزۈش شەكلى. بۇخىل ئۇسۇلدا خەتكۈچ ئېنىقلاش ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى باغلايدىغان ( بەت يۈزىدە كۆرسىتىدىغان ) بولۇپ ئۈنۈمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ كىيىنكى ئاسراش خىزمىتىنى قولايلاشتۇرغان.
(2)بۆلەكەلەشكەن ( 组件化 ) : بىر بەتنى ھەرخىل بۆلەككە بۆلۈپ ھەر بىر بۆلەكنى ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا تەكرار ئىشلىتىشكە يول قويىدۇ، ھەر بىر بۆلەكنىڭ ئۆزىگە تەۋە HTML CSS Js كودى بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل بىرخىل كودنى كۆپ مىقداردا تەكرار يېزىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ.
Vue نېڭ بۆلەكلەشتۈرۈپ ئېچىش ئىدىيەسى بولسا خالىغان بىر بۆلەك كودنى، بىر بۆلەك ئىلمېنتى قىلالايدۇ، ھەم بەت يۈزىدا خەتكۈچ شەكلىدە خالىغان ئورۇندا ئشلىتەلەيدۇ.
1.1.3 Vue.js نىڭ تارىخى
2013-يىلى گوگېلدا خىزمەت قىلىۋاتقان جوڭگولۇق يوۋيۈشى (尤雨溪) شۇ ۋاقىتتا مودا بولىۋاتقان رامكا Angular دىن ئىلھام ئېلىپ، React دىن پايدىلىنىپ تورۇپ بىر ينىك تىپتىكى رامكىنى يېزىپ چىققان. بۇ رامكا دەسلەپكى مەزگىلدە Element نامىدا Github قا ئېسىلغان، كىيىن ئىسمىنى Seed.js گە ئۆزگەرتكەن.
1) 2013-يىلى 12-ئايدا 0.6.0 نەشىرى تارقىتىلغان. ھەم ئىسمىنى ھەقىقى تۈردە Vue.js گە ئۆزگەرتىپ، بۇيرۇق كود ئالدى قوشۇمچىسىنى -v غا ئۆزگەرتكەن.
2) 2014-يىلى 1-ئايدا 0.8.0 نەشرى رەسمى ھالدا سىرتقا قارتا ئىشلىتىشكە تارقىتىلغان.
3) 2014-يىلى 2-ئايدا 0.9.0 نەشرىنى تارقىتىش بىلەن بىرگە ۋاكالەت نومۇرى بىلەن تارقاتقان، شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر قېتىم مۇھىم نەشرى تارقىتىلغاندا ئوخشىمىغان ۋاكالەت نۇمۇرى بىلەن تارقىتىلغان.
4) 2014-يىلى 10-ئايدا 0.11.0 نەشىرى تارقىتىلغان، بۇ Vue.js نىڭ تۇنجى مۇقۇم نەشىرى.
5) 2015-يىلى 10-ئايدا 1.0 نەشرى تارقىتىلغان. بۇ نەشىرگە نۇرغۇن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن، ھەم نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
6) 2016-يىلى 10-ئايدا 2.0 نەشرى تارقىتىلغان، بۇ نەشىردە كود سىغىمى تەخىمۇ تۆۋەنلىگەندىن سىرت نۇرغۇن يېڭىلىقلار قوشۇلغان، مەسلەن، مەۋھۇم DOM ئەلالاشتۇرۇلغان، بىماس قەدەملىك بۆلەك ( 异步组件 ) قوشۇلغان، بۇلار Vue نىڭ ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرگەن.
7) 2019-يىلى 10-ئايدا 3.0 نەشرى تارقىتىلغان، بۇ نەشىردە سىغىمى تەخىمۇ كىچىكلىگەن، بۇ نەشرى پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئىنكاسچان سىستىما بۆلىكىنى قوشقان، ھەم Typescript قا بولغان دوستانىلىقى ئاشقان.
Vue 3.0 تارقىتىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئىزچىل ئاستاش ۋە يۇقۇرى كۆتۈرۈش خىزمىتى ئىشلىپ كەلگەن، ئاچقۇچىلار مەھەللىسىمۇ توختىماي زورايغان. Vue.js ھازىر مودا بولىۋاتقان، ھەم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئىرشكەن رامكىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
💬 ئىنكاس (0)
تەخى ھېچكىم ئىنكاس يازماپتۇ، ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ باقسىڭىز بولىدۇ.