بىكەت ھەققىدە
كومپىيوتىر بىلەن ئۇچراشقان ئون چەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان تور بىكەت، بىلوگ، مۇنبەر، سالونلارنى باشقۇردۇم، ئەمما قاراپ باقسام بىرەرسىنىمۇ بىر يىلدىن ئۇزاق ۋاقىت ماڭدۇرۇپ باقماپتىمەن. ئاسالىق سەۋەبى بولسا ئاسانلا قىزىقىپ، تىزلا باشلاپ، ئاسانلا ۋاز كىچىش، مەزمۇن يوللاشقا ئىرىنىش قاتارلىقلار. شۇڭا يېقىندىن بۇيان قىزغىنلىقىم قايتا قوزغۇلۇپ، ئىپتىدائىي ھالەتتە نۆلدىن باشلاپ بىر بىلوگ سىستىمىسىنى يېزىپ چىققان ئىدىم، ئەمما مەندىكى بىلىم ۋە ۋاقىتنىڭ چەكلىك بولىشى سەۋەپلىك، نۇرغۇن ئىقتىدارلار قېتىلمىغان ئىدى، ھەم ئىشلىتىش جەريانىدا بىرقىسىم يۇچۇق، ۋە يىتەرسىزلىكلەر بايقالدى. شۇڭا قايتىدىن ئىقتىدار قاتاي دەپ ئويلىغان، بىراق ھەددىدىن زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان مىجەزىم، تۈنۈگۈن پۈتۈن ئاخشام يېزىپ چىققان ئىقتىدارنى بۈگۈن ئاخشام يۇيۇپ قايتا يازغۇزدى، ھەم قايتا-قايتا تەكرارلاندى. شۇڭا ئۈزۈم يېزىشتىن ۋاز كىچىپ، ئۇچۇق كودلۇق typecho سىستىمىسىنى ئۇيغۇرتىلىغا ئۆزلەشتۈرۈپ، مەزكۇر ئۇسلۇپنى ماسلاشتۇرۇپلا بۇ بىلوگنى ماڭدۇرۇپ تۇردۇم، بۇدا پۇرسەت چىققاندا رامكىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىدارى تەخىمۇ كۈچلۈك، تەخىمۇ مۇكەممەل سىستىمىنىدىن بىرنى يېزىپ چىقىمەن.
مەزكۇر بىلوگقا ئاساسلىقى ئۆزۈمنىڭ IT تېخنىكىسى، ۋە قاتتىق دىتالغا مۇناسىۋەتلىك ئىجادى يازمىلىرىمنى، ياكى ئۆزۈمنىڭ ئۆگۈنۈش خاتىرىس، كونسىپىكلىرىمنى، تېپىش قىيىن بولغان يۇمشاق دىتال، ياكى ئۆگۈنۈش ماتىرياللىرىنى قەرەلسىز يوللاپ تۇرىمەن، ۋە ياكى دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق خەۋەر سۇپۇلىرىدىن ئېلىنغان، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى بولغان سۈپەتلىك مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللايمەن. يوللانغان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى تۈرگە ئايرىپ يوللىنىدۇ، بىلوگ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈدىكى سەھىپە تىزىملىكىدىن تۈگە ئايرىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. بىلوگنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى نۇرمال، مەزمۇن تىمىسى ياكى مەزمۇن ئارىسىدىكى ھالقىلىق سۆزنى ئىزدەش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ماقالىنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
بىلوگىم ۋە مەن، IT ساھەسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، مۇشۇ ساھەدە تىجارەت قىلىۋاتقان، ياكى ئۆگۈنۈۋاتقان، ۋە ياكى قىزىقىدىغان كەسىپداشلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!!!
لىكىن مەندىكى بىلىم ۋە ۋاقىتنىڭ چەكلىك بولىشى سەۋەپلىك، ئاز بولمىغان نۇقسان، ۋە خاتالىقلاردىن ساقلىنالماسلىقىم، ياكى ۋاقتى-قارالىق ھالدا كۆپ مىقداردا مەزمۇن يېڭىلىيالماسلىقىم مۇمكىن، شۇڭا بىلوگدىن پايدا-مەنپەئەت ئېلىشنىلا ئويلاپ زىيارەت قىلغان بولسىڭىز، كەچۈرۈڭ، سىزنى خۇش قىلالماسلىقىم، ھاجىتىڭىزدىن چىقالماسلىقىم مۇمكىن!!! ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن، ھەم قىممەتلىك تەنقىدى پىكىر-تەكلىپ بىرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
💬 ئىنكاس (0)
تەخى ھېچكىم ئىنكاس يازماپتۇ، ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ باقسىڭىز بولىدۇ.