50 كۈندە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ( Project 50 )

يېقىندا توردا مودا بولىۋاتقان 50 كۈندە ئۆزىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش دىگەن ئۇقۇمغا قىزىقىپ تەپسىلاتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن AI دىن سورىدىم، تەر جىمە قىلىپ بىلوگىمغا يوللاپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم .
بۇ تۈر، كونكىرىت ھەم رەتلىك بولغان كۈندىلىك پائالىيەت كۈن تەرتىپىنى رەتلىپ چىقىپتۇ، مۇشۇ تەرتىپ بويىچە 50 كۈن بەرداشلىق بېرىپ داۋاملاشتۇرساق، ئۆزىمىشنىڭ ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتەلىگۈدەكمىز، مەن سىناپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم. قېنى 50 كۈن بەرداشلىق بىرەلەمدىم يوق، بۇ بىزگە ھەر كۈنى قىلىدىغان 7 تۈرلۈك ۋەزىپە بېرىپتۇ، تۆۋەندىكىدەك :

  1. سەھەر ئورنىدىن تۇرۇش :
    چۇقۇم 8 دىن بۇرۇن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ بولىشىمىز كېرەككەن، ھەم ھەركۈنى ئەڭ ئاز دىگەندە 6 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەككەن.
  2. ئەتتىگەنلىك مۇراسىم ( بۇ يەر دۆلەت تىلىدىكى 晨间仪式 دىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىندى ) :
    بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا پۈتۈن دىققىتىمىزنى بېرىپ قىلىدىكەنمىز، مەسىلەن كۈندىلىك قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش دىگەندەك، لىكىن چۇقۇم تىلفۇنىمىزنى ئىتىۋىتىشىمىز كېرەككەن، دىققىتىمىزنى چاچساق بولمايدىكەن .
  3. ھەركەت :
    ئەتتىگەندە بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ھەركەت قىلىدىكەنمىز، جۈگۈرۈش، يەر بېغىرلاش، قورساق قاتلاش ۋە ياكى باشقا شەكىلدىكى، ھەممىسى بولىدىكەن، مەقسەت بەدەن ھەركەت قىلسىلا بولىدىكەن.
  4. كىتاپ ئوقۇش
    ھەر كۈنى چۇقۇم 10 بەت كىتاپ ئوقۇيدىكەنمىز، مەسىلەن ئىرادىنى تاۋلاش، مالىيە-ئىختىساد، پىسخىكا قاتارلىق، چۇقۇم ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 10 بەت ئوقۇيدىكەنمىز.
  5. يېڭى بىلىم ئۆگۈنۈش :
    ھەر كۈنى 1 سائەت ۋاقىت چىقىرىپ يېڭى بىلىم ئۆگۈنىدىكەنمىز، مەسلەن مۇزىكا چىلىش، پىروگگىرامما تىلى، تەبئىي تىل قاتارلىق
  6. ساغلام يىمەكلىك
    چۇقۇم تاماقنى پىلانلىق يىيىشىمىز كېرەككەن، مەسلەن كۆپ سۇ ئىچىش، رەڭلىك ئىچىملىك ئىچمەسلىك، مايلىق تاماق يىمەسلىك قاتارلىق.
  7. خاتىرىلەش
    كۈندۈلۈك خاتىرە شەكلىدە ھەر كۈنلۈك ۋەزىپە ئورۇنداش نەتىجىمىزنى خاتىرلەپ ماڭىدىكەنمىز، مەسىلەن شۇ كۈنكى تەسىرات، ئىرىشكەن نەتىجە قاتارلىقلار .
ئەگەر 50 كۈن ئىچىدە 1 كۈن يۇقارقى 7 ۋەزىپىنى تاماملىيالمىساق چۇقۇم باشتىن، يەنى 1- كۈندىن باشلىشىمىز كېرەككەن

💬 ئىنكاس (0)

تەخى ھېچكىم ئىنكاس يازماپتۇ، ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس تەستىقلانغاندىن كىيىن، ھەم تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن كۆرۈنىدۇ