ھەققىدە
مۇۋاپپىقيەت قازىنىش ئۈچۈن ئەمەس، قىممەت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشتىم.
جاپادا قالساڭمۇ قانچە گاڭگىراپ، ئۈمۈتنىڭ يىپىنى ئۈزمە ئالدىراپ. جاپانىڭ تېغىدىن بىلسەڭ بىركۈنى، راھەتنىڭ قۇياشى چىقار پارقىراپ.
مەن ھەققىدە
سالام ھۆرمەتلىك زىيارەتچى، ئۈشبۇ ۋاقتىڭىز خەيىرلىك بولسۇن. توردىكى غېرىبانە كۆلبەمگە كەلگىنىڭىزگە تەشەككۈر. بىلوگىمنى خاتىرجەم زىيارەت قىلالىشىڭىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ چىقاي، ئۈزۈم تۇلۇقسىز-ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيەسىدىكى تور مەستانىسى، جەنۇبى شىنجاڭدىكى بىر كىچىك يىزىدا چوڭ بولغان، بۇيىل 27 ياش. ئەڭ چوڭ قىزىقىشىم كومپىيوتىر پىروگگىرامما تىلى، ئەمما بەزەنبىر سەۋەپلەر تۈپەيلى مانا ھازىرغىچە قىزىقىشىم بۇيىچە كەسپى تەربىيلەشكە قاتنىشالمىدىم، لىكىن ھازىرغىچە قىزغىنلىقىم سۇسلاپ باققىنى يوق. 2017-يىلى چوڭلارنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ئېغىر تىپتىكى قۇرلۇش ماشىنىلىرى، يىزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا مەشغۇلات قىلىشنى ئۈگەندىم، ھەم 2021- يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىغىچە مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللاندىم، 2021ـ يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 2024-يىلىغىچە دۆلەت تىلىنى كەسپى ئۈگەندىم، 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە تىلىفۇن رېمونىت قىلىشنى ئۈگەندىم، بەلكىم كىيىن مۇشۇ ئىشنى مۇقۇم كەسىپ قىلىشىم مۇمكىن. 2014-يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە مەيلى نەدە بولاي، نىمىش قىلاي كۈندە ئەڭ ئاز دىگەندە ئىككى سائەت كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، توردىن، كىتاپ ماتىرىياللاردىن، كومپىيوتىرغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۈگەندىم، ھەم بۇندىن كىيىنمۇ ئۈگۈنۈپ ماڭىمەن. پۇرسەتلا تاپسام كەسپى كۇرۇسقىمۇ بىر قاتنىشىدىغان پىلانىم بار. ئەگەر سزنىڭمۇ مىنىڭكىگە ئوخشاش قىزىقىشىڭىز بولسا خالىسىڭىز ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆتسەك بولىدۇ.
مەن ئىگەللىگەن بىلىملەر
بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بىلوگ php+mysql ئاساسىدا پۈتۈنلەي ئىپتىدائىي ھالەتتە يېزىلدى، مەيلى ئالدى بەت ياكى ئارقا بەت بولسۇن ھېچقانداق رامكا ئىشلىتىلمىدى، ھەرخىل چوڭ كىچىكلىكتىكى ئىكرانلارغا ئاپتۇماتىك ماسلىشالايدۇ، ئۆزۈمنىڭ ياقتۇرۈشۇم بويىچە، ئالدى بەت ئاددىي، پاكىز قىلىپ لاھىيەلەندى، ئوڭ تەرەپ تىزىملىك رايۇنىغا ئىزدەش رامكىسى، تۈرلەر تىزىملىكى، خەتكۈچ تىزىملىكى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۈستى يول باشلاش تىزىملىكىگە ئۇلىنىش بىتى ۋە چەمبىرەك بىتىنىڭ ئۇلىنىشى قۇشۇلدى. ئۇلىنىش بىتىدە ھەرخىل قولايلىق بولغان تور بىكەت، قۇرال بىكەتلەرنىڭ، ھەم كەشىپداش بالىلارنىڭ توربەت ئۇلىنىشى قەرەلسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، چەمبىرەك بىتىگە ھەرخىل ئەدەبى ئۈزۈندىلەر، ھەم تەپەككۇر قىلىش قىممىتى بار پەلسەپەۋى مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تۈزۈلمىلەر تۈپەيلى مەزكۇر بىلوگقا، ئۈزۈمدىن باشقا ئىككىنجى بىر شەخىسنىڭ باھا يېزىش، پىكىر-تەكلىپ يېزىش، تىما يوللاش قاتارلىق ئىمتىيازى بولمايدۇ، ھەم بۇنداق ئىقتىدارمۇ يوق. بەلكىم كىيىنچە مۇناسىۋەتلىك تەستىق نامىلەرنى ئالغاندىن كىيىن ئىقتىدارلارنى كىڭەيتىشىم مۇمكىن. مەزكۇر بىلوگ ئۈزۈمنىڭ قىزىقىش ئاساسىسدا تورغا ئېسىلدى، يوللىنىدىغان مەزمۇنلار ئاساسلىقى: كومپىيوتىغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلار، ياكى ئۆزۈمنىڭ ئۈگۈنۈش جەريانىدىكى مەشىق ئەسەرلىرى، ئۈگۈنۈش خاتىرىلىرىنى ۋە ياكى تىلىفۇن رېمونىت قىلىشقا دائىر بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساغلام مەزمۇنلار، بۇنىڭدىن سىرت، ھېچقانداق سودا خارەكتىرىدىكى، مەجبۇرلاش خارەكتىرىدىكى ئىلان تەشۋىقاتلار ۋە مەزمۇنى ساغلام بولمىغان مەزمۇنلار يوللانمايدۇ. سەمىمى ئەسكەرتىش: مەزكۇر بىلوگقا يۇقۇردا دىيىلگەن مەزمۇنلاردىن باشقا، توردىن يىغىۋېلىنغان، مەزمۇنى ساغلام بولغان پايدىلىنىش قىممىتى بار مەزمۇنلارنىمۇ يوللاپ قېلىشىم مۇمكىن، ئەگەر سىزنىڭ ئەمگەك مىۋىڭىز بولۇپ قالسا تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز ئۆچۈرۈۋەتسەم بولىدۇ. ئاخىرىدا زىيارەتچىلەرنىڭ بىلوگىمغا قارىتا قىممەتلىك تەنقىدى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماي بىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. 2026-يىلى 30-يانۋار.

