ئىجاتكار تور-تېخنىكا تۇرايى

ئىجاتكار بىلوگى تورداشلار بىلەن يۈز كۈرۈشتى!

ياخشىمۇ سىلەر كۆپچىلىك، ئۈزۈمنىڭ بۇرۇندىن  ئاددى بولسىمۇ بىرەر تور بەت ماڭدۇرۇش قىزغىنلىقىم بار ئىدى، بىراق  تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەر،  ھەم يېقىندىن بۇيان قىسقا فلىم سۇپۇلىرىنىڭ تور بەت زىيارەتچىلىرىنى تارتىپ كىتىشىگە قاراپ بولدى قىلغان ئىدىم.  لىكىن يېقىندا بىر پىشكەللىك بىلەن سول قۇلۇم سۇنۇپ كىتىش سەۋەبلىك بىر مەزگىل ئۆيدىن چىقماي ئارام ئالغان، شۇنۇڭ بىلەن كود يېزىش خۇمارىم تۇتۇپ بىر تەرەپتىن ئارام ئالغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قولۇم بىلەن بۇ بىلوگ سىستىمىسىنى يېزىپ چىقتىم، قارىسام ھازىر بىلوگ ياكى باشقا شەكىلدىكى تور بەت ماڭدۇرىدىغانلارمۇ خېلى غولداپقاپتۇ، ھەم، بۇ ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى، باشقىلار كۆرسە كۆرمىسە بەرىبىر كۆملۈم خۇش بولسا بولدى، شۇڭا ئاددىلا قىلىپ مۇشۇ ھالەتتە ماڭدۇرۇپ تۇردۇم، مەزمۇن يېڭىلىنىشى بەك تىز بولالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى مەن بۇ ئارقىلىق كىرىم يارتالمايمەن، شۇڭا ئاساسلىق ۋاقتىمنى باشقا مۇقۇم كەسپىمگە بىرىمەن،  لىكىن ئىشتىن سىرت ۋاقىتلىرىمدا ياخشى مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرىمەن، ئاز يوللىساممۇ ساز يوللايمەن. ئەگەر مەن توغۇرلۇق ياكى بىلوگ توغۇرلۇق تەخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز مىنى بېسىڭ.

مەقسەت ئۆز ئارا ئۈگۈنۈش، ئۆزەڭگە سۇقاشتۇرۇش ئەمەس،  شۇڭا يۇقۇرى مەلۇماتلىق ئۇستاملارنىڭ كىچىككىنە بىلوگنىمۇ بوش قۇيۋەتمەي چاق-چاق قىلىپ قويماسلىقىڭلىنى سورايمەن. ئەگەر كۆزۈڭلارغا سىغمىغان يەلەر يولسا ئىككىلەنمەي بىۋاستە تەنقىدى پىكىر-تەكلىپلىرىڭلىنى بەرسەڭلار بولىدۇ.

ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ ساغلام، مەدەنىي تور مۇھىتى يارىتىشىنى، تىنىنىڭ ساغلام، ئىشلىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.


Image