ئىجاتكار تور-تېخنىكا تۇرايى

يىجيا 15Tنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئاشكارىلاندى: iPhone 17 Proغا ئوخشايدۇ

يىجيا 15T يانفونى بۇ يىل 3-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ، يېقىندا كۆپچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن بۇ يېڭى مەھسۇلات سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى، بۇ ئېلان قىلىنىشنىڭ تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئورگان تەرەپ رەسمىي ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، يىجيا 15Tنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى ئالاقە سۇپىسىدا ئويلىمىغان يەردىن پەيدا بولغان. بۇ يانفونغا ساپ ئاق رەڭلىك لايىھە ئۇسلۇبى ئىشلىتىلگەن، ئارقا كامېرا مودۇلى ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن.

بۇ خىل ئۆزگىچە DECO لايىھەسى يانفوننىڭ پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن تورداشلار ئۇنى iPhone 17 Proغا ئوخشايدۇ، دەپ قارىغان. يىجيا 15T كۆپ ئىقتىدارلىق كىچىك ئېكرانلىق بايراقدار يانفون بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىچىك يانفون گەۋدىسى ئاستىغا ئىنتايىن كۈچلۈك قاتتىق دېتال سەپلىمىسىنى يوشۇرغان.

يادرولۇق سەپلىمىسى جەھەتتە، يېڭى يانفونغا كۇۋالكومنىڭ سىناپدراگون 8Elite Gen 5 تىپلىق بايراقدار بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 6.32 دىيۇملۇق تۈز ئېكران سەپلىنىدۇ. كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇنداق ئىخچام يانفون گەۋدىسىگە يىجيا 7500mAhلىق ئالاھىدە چوڭ سىغىملىق باتارېيە سەپلىگەن.

ئۇدا ئىشلىتىشچانلىقى جەھەتتىكى ئىپادىسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولۇشى ئېنىق، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يانفونغا يەنە پېرىسكوپ شەكىللىك ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، كىچىك ئېكرانلىق يانفوندا پۈتۈن فوكۇس بۆلىكىنى قاپلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۈرەت تارتىش تەسىراتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

يىجيانىڭ دۆلىتىمىزدىكى باش لىدىرى لى جيې (李杰) بۇ يېڭى مەھسۇلاتقا بولغان تولۇق ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئۇ ئاشكارا ھالدا بۇلتۇرقى يىجيا 13Tنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سىغىملىق باتارېيەگە تايىنىپ، بازارنىڭ كىچىك ئېكرانلىق يانفونلارنىڭ ئۇدا ئىشلىتىشچانلىقىغا بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.