چەمبىرەك

ئارزۇلىرىڭىز مىڭ قەدەم بولسىمۇ، بۈگۈن باسىدىغان بىر قەدىمىڭىز ئۈچۈن ئويلىشىڭ.

ئىجاتكار

مەرتنىڭ سوغوق سۈيىنى ئىچسەڭمۇ، نامەرتنىڭ ھەسىلىگە ئېغىز تەگمە.

ئىجاتكار

تىيىز سۇلار شارقىرارمىش، چۇڭقۇرلىرى ئۈنسىزدۇر.

بىلىمسىزلەر ۋارقىرارمىش بىلىملىكلىرى ئۈنسىزدۇر.

ئىجاتكار

تەكەببۇرلۇق ئەقىل ئەمەس،

قاراملىق باتۇرلۇق ئەمەس.

ئىجاتكار

تۇلپارمۇ بىركۈنى قالاركەن يولدىن،

چاپتۇرغان قامچىمۇ چۈشەركەن قولدىن.

مەنچىلىك ئادەم يوق دىمىگىن ھەرگىز،

كۆرەڭلەپ ئامىتىڭ كەپقالسا ئوڭدىن.

ئىجاتكار

خىيالى يەتكەن يەرگە قەدىمى يەتكەن بولسىدى

ئىلاجىسزىق كۇچىسىدا مۇساپىر بولمايتتى ئىنسان

ئىجاتكار

بولسىمۇ ئابرۇيۇڭ تاغدىنمۇ ئىگىز،

ئۆزۈڭنى چوڭ بىلىپ غادايما ھەرگىز.

قارىغىن، چوققىدا تۇرغان بىلەن قار،

ياز كەلسە تۆۋەنگە ئاقار بولۇپ ئەگىز.

--خەتتات: يۇنۇس قۇددۇس

ئىجاتكار

يارا قىلسا جىسمىڭنى ھايات،

شۇ ياراڭدىن كۆكلەيدۇ قانات.

ئىجاتكار

سۆزۈمدىن كۈچلۈكتۇر ئۈنسۈزلىكىم