بىلوگ باشقۇرۇش بىتىدىكى يېزىق بىر تەرەپ قىلىش بۆلىكى تۈزۈتىلدى!
ياخشىمۇسىلەر!!! بىلوگنى ماڭدۇرۇپ قويغاننىڭ ياقى تۈزۈك تىما يوللىغىلى ۋاقىت چىقمىدى، ئادەتتە خىزمەت بىلەن ئالدىراش، بىكار ۋاقىتتا يېڭى تېخنىكىلارنى ئۈگۈنۈش بىلەن بولۇپ بىلوگقا قاراپ بولالمىدىم، بۈگۈن ئازراق بىكار بولۇپتىكەنمەن، بىلوگدا بايقالغان ئازراق مەسىلىدىن بىرنى تۈزۈتۈپ قويدۇم.
يەنى ئارقا بەتتىكى يېزىق تەھرىرلىگۈچنى قايتىدىن ئۆزگەرتتىم، ئالدىنقى قېتىمدا بىلوگمۇ ئاددى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاددى تەھرىرلىگۈچ ئىشلىتەي دەپ Simdiror نى ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەن ئىدىم، بىراق بۇ ئۆزى تەھرىرلەپ ھاسىللىغان يېزىقنى ئىككىنجى قېتىم تەھرىرلىگۈچكە ئەكىرىپ تەھرىرلىگەن ۋاقىتتا بەزەن خەتكۈچلەرنى يىشەلمەي ئەينەن كۆرسىتىپ قويدى، كود قىستۇرۇش بۆلىكىنى كۆرسىتەلمىدى. شۇ سەۋەپتىن يېزىقنى قايتا تەھرىرلەش ناھايىتى قولايسىز بولۇپل قالدى.
شۇڭا بۈگۈن مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلاي دەپ ئۇيىرىنى تۈزىسەم بۇ يىرىدىن مەسىلە چىقىپ، تېزىنى باسسام مېزى چىقىپ ئاۋارە قىلۋەتتى،ھەم بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ بىۋاستە رەسىم چىقىرىش ئېقتىدارى يوقكەن، شۇڭا باشقىنى ئىشلىتەي دەپ Ueditor ئاساسىدا قايتا تەھرىرلەنگەن Ueditor-Plus نى ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرۈپ ئارقا بەتنىڭ تىما تەھرىرلەش بۆلىكە قىستۇردۇم. بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدارلىرى خېلىلا كۆپكەن، بىلوگىمدا ئىشلىتىلمەيدىغان ئىقتىدارلىرىنى چىقىرۋىتىپ، مۇھىم ئىقتىدارلىرىنى ئۆزلەشتۈردۈم.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە كود يۇرۇتۇش قىستۇرمىسىنىمۇ بۇ تەھرىرلىگۈچكە ماس كىلىدىغان قىستۇرمىغا ئالماشتۇردۇم، تۆۋەندىكىسى شۇ:
class App{
private static $str;
private static function get_str($str)
{
$str = self::$str = $str;
echo self::$str;
return self::$str;
}
private static function run($str){
self::get_str($str);
}
public static function set_str($str)
{
self::run($str);
}
}
App::set_str('سالام دۇنيا');تۆۋەندىكى بولسا تەھرىرلىگۈچنىڭ ئۈنۈم رەسىمى:

مەزكۇر بىلوگ سىستىمىسىنى ئۆزۈم ھېچقانداق رامكىغا تايانماي تۇرۇپ ئىپتىدائىي ھالەتتىلا يازغان، (ئانچە مۇنچە خوش ياقمىغان يەرلىرىنى AI غا يازدۇرغاندىن باشقا) شۇڭا يەنە نۇرغۇن بايقالمىغان نۇقسانلار بولىشى مۇمكىن. ئەگەر بىرەر خاتالىق بايقىسىڭىز مىنى خەۋەردار قىلىپ قويغايسىز.